قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە » كىتابلار » ساغلام ئەقىدە ۋە ئۇنىڭغا زېت كىلىدىغان ئىشلار
ساغلام ئەقىدە ۋە ئۇنىڭغا زېت كىلىدىغان ئىشلار
ساغلام ئەقىدە ناملىق بۇ ئەسەر ئەللامە شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز نىڭ سۆزلىگەن نۈتۈقلىرىدىن بولۇپ ئۇنىڭدا ئەھل سۈننە ۋەلجەمائەنىڭ ئەقىدىسىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە ئەمەل ۋە ئىبادەت ساغلام ئەقىدە بىلەن بولسا توغرا ۋە قوبۇل بولىدىغانلىقىنى،ئەگەر ئەمەل ۋە ئىبادەت باتىل ئەقىدە بىلەن بولسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇ ئەمەل ۋە ئىبادەتنىڭ ھېچ ئەھمېيىتى يوقلىقىنى قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ھەدىسلەر بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە تەپسىلى بايان قىلىپ بىرىدۇ.يازما : ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ئا.قارلۇقى - ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
Source : http://www.islamhouse.com/p/135995
كىتابلار
- دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار«دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار» ناملىق بۇ كىتابچىدا، ئاپتور ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن ۋە يولغا قويۇلغان مۇھىم مەسىلىلەرنى، كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىنىڭ قولايلىق بولىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇسۇلماننىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان218 سوئال ۋە جاۋابنى، سوئال-جاۋاب شەكلىدە تەييارلاپ ھۆزۈرۈڭلارغا تەقدىم قىلدى.
يازما : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
Source : http://www.islamhouse.com/p/193302
- ئىسلام دىنىنىڭ روھى (تەۋسىيە ئەسەر)«ئىسلام دىنىنىڭ روھى» ناملىق بۇ ئەسەردە ئاپتور ھەرقانداق بىر مۇسۇلماننىڭ بىلىۋېلىشى زۆرۈر بولغان كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە ئائىت ئاساسى مەزمۇننى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن ھەقىقەتنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئىسلامنىڭ ئاساسى پرىنسىپىنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئىسلام دىنىنىڭ زامان-ماكان تاللىماستىن ھەرقانداق ھازارەت بىلەن خاسلىقىنى ساقلاپ قالغان ھالدا ماسلىشىپ كېتەلەيدىغانلىقى، قۇرئان كەرىمنىڭ ئىلاھىي ۋەھيى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راستچىل پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە قۇرئان كەرىمدىن ئىلمى دەلىللەرنى كەلتۈرگەندىن سىرت ئەقلى ئىسپاتلار بىلەن دەلىللەيدۇ. دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان تۆھمەت ۋە شەك-شۇبھىلەرگە ئىلمى ئۇسۇلدا ئەجەللىك زەربە بېرىدۇ.
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
Source : http://www.islamhouse.com/p/326065
- ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيى«ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيى»بۇ كىتاپ ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆي ياسىشىغا دائىر قۇرئاندىكى ئىلمى مۆجىزىلەرنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.ئاللاھ تائالانىڭ ئۆمۈچۈكنى مىسالغا ئېلىشى، ئۆزىدىن باشقا تاش،ھايۋانات،ئۆسۈملۈك،ئۆلگەن ۋە ھايات ئىنسانلارغا ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىشىنى ئۈمۈت قىلغان ئاساستا چوقۇنغۇچى ئىنسانلارغا قارىتا كەلتۇرگەن بەدىئى ئوخشۇتۇش ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى ئىلمىي ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ ۋەھدانىيىتىگە چاقىرىدۇ.
يازما : ئەبۇلمۇنزىر خەلىل ئىبراھىم ئەمىن
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئا.قارلۇقى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/66472
- تەۋبە قىلغۇچىلار باغچىسىتەۋبە قىلغۇچىلار باغچىسى ناملىق بۇ كىتاپ ياش تەرجىمان دىنى زىيالى ئا.ئابدۇرەھمان خاقانى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى. بۇ كىتاپ ئوقۇرمەنلەرگە ئۆزىنىڭ تەسىرلىك ۋەقەلىكى بىلەن ئوقۇرمەننى ھېدايەت يولىغا يېتەكلەپ، ئىككى دۇنيالىق مۇرادىنىڭ ھاسىل بولىشىدا تۈرۈتكۈلۇك رول ئوينىغۇسى... قېنى مەرھەمەت!
يازما : پەزىلەتلىك شەيخ پەھەد ئىبنى ئابدۇراھمان ھۇمەيد
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئا.ئابدۇرەھمان خاقانى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
Source : http://www.islamhouse.com/p/47401
- روزىغا ئالاقىدار ئەھكاملارروزىغا ئالاقىدار ئەھكاملار ناملىق بۇ رىسالىدە، رامىزان روزىسى ۋە نەپلە روزىلارغا دائىر بولغان بارلىق ئەھكاملار، روزىنىڭ ۋاجىب ۋە شەرتلىرى، سۈننەت ۋە مۇستەھەبلىرى، تەراۋىھ نامىزى، ئېتىكاپ ۋە سەدىقە پىتىر قاتارلىق رامىزان ئېيىدىكى مۇھىم ئەمەللەرنى قۇرئان سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ھالدا تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
يازما : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
Source : http://www.islamhouse.com/p/364897