قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە » كىتابلار » ئىسلامدىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ۋە مۇھىم ئەمەللىرى
ئىسلامدىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ۋە مۇھىم ئەمەللىرى
ئىسلامدىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ۋە مۇھىم ئەمەللىرى ناملىق بۇ كىتاپ ياش دىنى زىيالى ھەدىسشۇناس سەيپىددىن ئەپەندىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى.بۇ كىتاب ئۆقۇرمەنلەرگە، غەرىپ ئەللىرىنىڭ ئىسلامنىڭ، ئىسلام ئاياللىرىغا تولۇق كىشىلىك ھوقۇقۇنى بەرمىدى دىگەندەك بىرقىسىم توھمەت خاراكتىرلىق كۆز قارىشىنى ئوچۇق بايان قىلىپ،ئۇنىڭغا قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن جاۋاپ بىرىدۇ. شۇنداقلا ئاياللارنىڭ پاك ـ دىيانەتلىك، ئەخلاق ـ پەزىلەتلىك بولىشى شۇ مىللەتنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرى ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە بولغاچقا ئۇلار ئاياللارنىڭ ئەخلاقىنى بۇزۇشنى ئاساسى مەخسەت قىلغان. ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ دۇنيادىكى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ بىر قىسمى بولغانلىقىنى كۆزدە تۈتۈپ ئىسلام دىنى ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىغا قانداق ھەق-ھۆقۇق بەرگەنلىكىنى بىلىۋىلىشىنى كۆزدە تۈتۈپ بۇ ئەسەرنى ھۆزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.يازما : دوكتۇر ئىبراھىم ناسىر ئەلناسىر
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/29178
كىتابلار
- ئىسلامدا كىشىلىك ھوقۇقتەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان «ئىسلامدا كىشىلىك ھوقۇق» ناملىق بۇ ئەسەر، ئىنسان ھەقلىرى توغرىسىدا يېزىلغان سىېلىشتۇرما خاراكتېرلىق كىتاب بولۇپ، ئىسلامدا ھۆرىيەت چۈشەنچىسى، ئىنسان ھەقلىرى نىزامنامىسىنىڭ تارىخى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئىنسانىيەت ھەق-ھوقۇقىغا ئائىت نۇقتىلىق بەش نەرسىنى ھىمايە قىلىشنى ئۆز ئۇستىگە ئالغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىسلام شەرىئىتى ۋە ھازىرقى زامان قانۇنىدىكى پرىنسىپلىرى قاتارلىق ھۆرىيەت ۋە ھەق-ھوقۇققا دائىر بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك مۇھىم بىلىملەر ھوزۇرۇڭلاردا.
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئابدۇلئەھەد ھاپىز
Source : http://www.islamhouse.com/p/305061
- ئايال ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار«ئايال ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار» ناملىق بۇ ئەسەر، ئايال ساھابىلاردىن (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) 117 كىشىنىڭ شانلىق تەرجىمىھالىنىڭ قىسقىچى مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆلگىلىك ئىش-ئىزلىرى، ئىمانى ۋە ئىنسانى ئالاھىدىلىكلىرى، دىننى قوغداش ۋە تارىتىش يولىدا كورسەتكەن پىداكارلىقلىرى، ھىجرەت ۋە جىھاد مەزگىللىرىدىكى ئەزىيەتلەرگە سەبرى قىلىشى...قاتارلىق كۆپلىگەن گۈزەل خىسلەتلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە ئەينەن تەسۋىرلەپ بىرىدۇ.
يازما : ھەۋۋا ئەرگەنە ئېشىق
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ئا.قارلۇقى - ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : مىنەۋۋەر بىنتى نىياز
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر ئونلاين توربېكىتى www.uyghuronline.net
Source : http://www.islamhouse.com/p/369732
- ئىسلام ئەقىدىسىدىن ساۋات«ئىسلام ئەقىدىسىدىن ساۋات» ناملىق بۇ ئەسەردە، ئىنسان قانداق قىلغاندا ھەقىقى مۆمىن بولالايدىغانلىقى، مۇسۇلماننى ئىسلام دىنىدىن چېقىرىدىغان ئامىللار، ئاللاھقا ئىمان كەلتۇرۇش،پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۇرۇش،سەماۋى كىتاپلارغا ئىمان كەلتۇرۇش، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۇرۇش،قىيامەتنىڭ بولىشىغا ئىمان كەلتۇرۇش، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىشىغا ئىمان كەلتۇرۇش،ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە ئىمان كەلتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە تايىنىپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
يازما : مۇھاجىرى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/73098
- ئىسلام تەلىماتى«ئىسلام تەلىماتى» بۇ ئەسەر كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ چۈشۇنىشى قولاي بولسۇن ئۈچۈن سۇئال - جاۋاپ ئۇسلۇبى بىلەن تەييارلانغان بولۇپ، ئىنسان ھاياتىدا بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان بەزى بىر مۇھىم مەسىلىلەرنى، مەيلى ئۇ ئەقىدىگە ئائىت ۋەياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى پىقھى مەسىلىلەرگە ئائىت بولسۇن قۇرئان ۋە ھەدىسگە تايانغان ئاساستا، ئۇ مەسىلىلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە ئۈچۈق يورۇتۇپ بېرىدۇ.
يازما : مۇپتى مۇھەممەد كىپايىتۇللاھ
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئەبۇ ئالىيە
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/73275
- دىن ۋە ھايات«دىن ۋە ھايات» ناملىق بۇ ئەسەر 1600 سوئال ۋە جاۋابنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئاپتۇر ئەسىرىدە تەۋھىدنىڭ ھەقىقىتى ۋە تۈرلىرى، ئىمان ۋە ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى، ئىسلام دىنىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭدىكى كەڭرىچىلىك، رەسۇلۇللاھنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى، ئائىلە تۇزۇمى ۋە پەرزەنت تەربىيىسى قاتارلىق ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ بېلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان دىنى، ئىجتىمائى، سىياسى ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلەرگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن.
يازما : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
Source : http://www.islamhouse.com/p/250185