قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە » كىتابلار » ھەدىسلەر توپلىمى
ھەدىسلەر توپلىمى
ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق بۇ ئەسەر 6500 بەتتىن ئارتۇق ھەجىمگە ئىگە بولۇپ جەمئىي 10 توم، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدىكى، توغرىسى پۇتۇن ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى ھەجمى ئەڭ چوڭ دىنى ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاپتۇر بۇ توپلامنى سەھىھۇلبۇخارى، سەھىھ مۇسلىم، سۇنەنى تىرمىزى، سۇنەنى ئەبۇ داۋۇد، سۇنەنى نەسائى، سۇنەنى ئىبنى ماجە، مۇۋەتتەئۇ مالىك، سۇنەنى دارىمى، مۇسنەدى ئەھمەد، تەبەرانى ئەلكەبىر، تەبەرانى ئەلئەۋسەت، تەبەرانى ئەسسەغىر، مۇسنەدى ئەبۇ يەئلا مەۋسىلى، مۇسنەدى بەززار، زەۋائىدۇ رەزىن ناملىق 15 ھەدىس كىتابتىن تەييارلىغان بولۇپ، جەمئى 10 مىڭ 131 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.يازما : مۇھەممەد ئىبنى سۇلايمان مەغرىبىي
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى - سابىرجان
تەرجىمە قىلغۈچى : مۆمىن جان - ئالىمجان ئاتائۇللاھ - ئابدۇلخالىق ئابدۇلباقى - ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم
Source : http://www.islamhouse.com/p/381076
كىتابلار
- ئىز باسار تۆت خەلىپە«ئىز باسار تۆت خەلىپە » ناملىق بۇ ئەسەر ئەبۇبەكرى سىددىق، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئوسمان ئىبنى ئەففان، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) قاتارلىق پەزىلەتلىك تۆت ساھابىنىڭ ھاياتى ۋە ئىش ئىزلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدىكى ئىسلامغا قوشقان تۆھپىلىرى، دىن تارقىتىش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىق روھلىرى قاتارلىقلارنى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.
يازما : مەھمۇد شاكىر
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : سابىرجان
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
Source : http://www.islamhouse.com/p/71603
- مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر«مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر» ناملىق بۇ ئەسەر ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ﺋﯚﺯ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ رەۋىشتە ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ پايدىلىقتۇر. بۇ كىتاب دىنى ھۆكۈملەرنى بىلمەيدىغان ياكى بىلىشكە قىزىقىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق ئەسەر دەپ قارىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشى ۋە ئەمەل قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
يازما : بىر گورۇپ ئالىملار
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئابدۇلغەنى ئابدۇل ئەزىز - مۆمىن جان - ن.تەمكىنى - مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم - سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
Source : http://www.islamhouse.com/p/321293
- قۇرئان كەرىم ھەقىقەت«قۇرئان كەرىم ھەقىقەت» ناملىق بۇ كىتاپ ئىلىم- پەننىڭ ھەر-خىل ساھەلىرىدە ئىختىساسلاشقان 14ئىلىم پەن خادىملىرى بىلەن بولغان، ئىلمى سۆھبەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سۆھبەتنىڭ مۇددىئاسى ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسانىيەتنى ئىلىم-مەرىپەت ئۇگۇنىشكە پائال تەشەببۇس قىلغانلىقى ۋە تەبىئى پەن ھەقىقەتلىرى بىلەن ئىسلام دىنى ئوتتۇرىسىدا ئاتالمىش «توقۇنۇش»نىڭ ھەزگىزمۇ يوقلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى ئايەتلىرى 1400يىل ئىلگىرى ئىشارەت قىلىپ ئوتكەن ئىلمى ھەقىقەتلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقىشتىن ئىبارەت.
يازما : شەيخ ئابدۇلمەجىد زەندانى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئەبۇ ئەكرەم ئەھمەد
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/53003
- ئاھ ... بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ؟«ئاھ ... بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ!؟» ناملىق بۇ ئەسەردە، ئاپتور ساھابە كىرام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ، ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئىمانى چۈشەنچىسىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇگۇنكى ئەھۋالى ۋە ئاللاھ بىلەن بولغان مۇئامىلىلىرىگە سېلىشتۇرۇش جەريانىدىكى نەتىجىلەرنى، ئوقۇرمەنلەرگە ئەڭ گۈزەل ئۇسلۇبتا يورۇتۇپ بېرىدۇ.
يازما : شەيخ شەمسى نۇۋەيد ئوسمانى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : مېركامىلجان قەشقەرى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر ئونلاين توربېكىتى www.uyghuronline.net
Source : http://www.islamhouse.com/p/376481
- قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرىقۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى، ناملىق بۇ كىتاپ ياش تەرجىمان ۋە مۇھەررىر ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ئەپەندىمنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، بۇ كىتاپتا، قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى سىرلىق تەرەپلىرى ئۇستىدىن ئىلىپ بىرىلغان تەتقىقاتلار، سۈرە ، ئايەت ۋە ھەرپلەرنىڭ ئىنساننىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ماتېماتىكىلىق سېستىم بىلەن تۇزۇلگەنلىكىنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ ھەق كىتابى ئىكەنلىكىگە دەلىل ئىسپاتلىقىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ ۋە شۇنداقلا دىنغا ئىشەنمەيدىغان ماددى كۆز قاراشتىكى ئاتىزىمچىلارغا ئۇلار چۇشۇنىغان ئۇسلۇب بىلەن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
يازما : ئۆمەر چىلەك
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/50894












