قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە » كىتابلار » مەشھۇر ئۆلىمالارنى ئەيىبلىمەسلىك توغرىسىدا
مەشھۇر ئۆلىمالارنى ئەيىبلىمەسلىك توغرىسىدا
«مەشھۇر ئۆلىمالارنى ئەيىبلىمەسلىك توغرىسىدا» ناملىق بۇ ئەسەردە ، ئىسلام ئۈممىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ئىماملارنىڭ ھېچبىرى قەستەن ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەيلى كىچىك، مەيلى چوڭ بىر سۈننىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلمايدىغانلىقى، ئۇلار ھەر تۈرلۈك شۈبھە ۋە ئىككېلىنىشلەردىن يىراق ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنىڭ ۋاجىبلىقى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشقا ھەر قانداق كىشىنىڭ سۆزىنىڭ توغرا-خاتاسىنىڭ بولىدىغانلىقى، بۇ ئىماملارنىڭ بىرىنىڭ سەھىھ ھەدىسكە زىت بىر سۆزى بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ مەزكۇر ھەدىسنى تەرك قىلىش خۇسۇسىدا جەزمەن قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بىرەر سەۋەبنى دەلىل ئىسپات بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى ۋە شۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ بۈيۈك ئۆلىمالارغا تىل ئۇزۇتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقى قاتارلىقلار توغرىسىدا چۈشەنچە بىرىدۇ.يازما : شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئا.قارلۇقى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/71082
كىتابلار
- ھەج قوللانمىسى (قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا ئۆمرە ۋە ھەج، زىيارەت مەسىلىلىرى)«ھەج قوللانمىسى» ناملىق بۇ ئەسەردە، ھەج ۋە ئۆمرە، زىيارەت قاتارلىق ئىبادەتلەرگە ئالاقىدار بولغان بارلىق مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.
يازما : ئەللامە شەيخ ئەبدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى باز
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : مۇھەممەد سابىت سالىھ
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
Source : http://www.islamhouse.com/p/371614
- ئىسلام ئەقىدىسىدىن ساۋات«ئىسلام ئەقىدىسىدىن ساۋات» ناملىق بۇ ئەسەردە، ئىنسان قانداق قىلغاندا ھەقىقى مۆمىن بولالايدىغانلىقى، مۇسۇلماننى ئىسلام دىنىدىن چېقىرىدىغان ئامىللار، ئاللاھقا ئىمان كەلتۇرۇش،پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۇرۇش،سەماۋى كىتاپلارغا ئىمان كەلتۇرۇش، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۇرۇش،قىيامەتنىڭ بولىشىغا ئىمان كەلتۇرۇش، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىشىغا ئىمان كەلتۇرۇش،ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە ئىمان كەلتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە تايىنىپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
يازما : مۇھاجىرى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/73098
- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى«مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى» ناملىق بۇ كىتاب دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ياۋرۇپا ئەللىرىدىمۇ كۆرىنەرلىك نەتىجەگە ئېرىشكەن ۋە غەيرى مۇسلىملار ئارىسىدىمۇ غۇلغۇلا قوزغىغان. بۇ كىتابتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە كىلىپ چېقىشى، دۇنياغا كېلىشى ۋە ۋەھيى چۈشۈشتىن ئىلگىرىكى ھاياتى، ئەخلاقى ۋە پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىنكى دىن تەشۋىقات پائالىيەتلىرى، ھېجرەت ۋە غازاتلىرى، ۋاپاتى قاتارلىق ئۇ زاتنىڭ ھاياتىغا ئائىت ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارنى ھۆزۇرۇڭلارغا سۇنىدۇ.
يازما : ئەبۇبەكرى سىراجىددىن
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : سابىرجان
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/64945
- ئىسلامدىكى سىياسى تۈزۈم«ئىسلامدىكى سىياسى تۈزۈم» ناملىق بۇ ئەسەردە، دىنسىزلىق، دۇنياپەرەسلىك ھۆكۈم سۇرگەن، سكولارىزىم ھەركىتى ئەۋىج ئىلىۋاتقان بۇگۇنكى كۈندە ئىسلام دىنىنىڭ ماھېيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى پۈتۈن ئىشلارغا ئارىلىشىش سالاھىيىتىنىڭ مۇتلەق ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئىمانى مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى تەپسىلى بايان قىلىدۇ.
يازما : مۇھەممەد ئابدۇلقادىر ئەبۇ پارىس
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئۆمەر مۇھسىن - ئۆمەر مۇھسىن
Source : http://www.islamhouse.com/p/52775
- ئىسلام ئىقتىسادشۇناشلىقى ھەققىدە تەتقىقات«ئىسلام ئىقتىسادشۇناشلىقى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق بۇ ئەسەر ئىسلام ئىقتىسادشۇناشلىقى ھەققىدە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان تۈنجى ئەسەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ، بۇ ئەسەردە ئىسلام قانۇنىنىڭ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى، ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى ئىقتىسادى ئىگىلىك تىكلەشكە تەرغىپ قىلىدىغانلىقى ۋە شۇنداقلا ئىقتىسادشۇناشلىققىمۇ ئىسلام قانۇنىدا ئالاھىدە يەر بىرىلگەنلىكى... قاتارلىقلارنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن ھالدا ئىلمى ئۇسۇل بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
يازما : دوكتۇر مۇھەممەد رەۋۋاس قەلئەجى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : مۇھەممەد ئەمىن
Source : http://www.islamhouse.com/p/52891












