قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە » كىتابلار » ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى
ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى
«ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى» بۇ قوللانما ھەج ۋە ئۆمرە قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان كىتاپلارنىڭ بىرىدۇر.ھەج مەۋسۇمىنىڭ يېقىنلاشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەج ۋە ئۆمرە پائالىيىتىنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن ھالدا تاماملىشىنى كۆزدە تۇتۇپ تور بېكىتىمىزدە بۇ قوللانمىنى ئېلان قىلدۇق. بۇ قوللانمىدا، ھەج ۋە ئۆمرىنىڭ پەرز ۋاجىپ ۋە سۈننەتلىرى، ئىھرامدا چەكلەنگەن ئىشلار ، ھەج ۋە ئۆمرىگە ئائىت ئەھكاملارنى قۇرئان سۈننەتكە تايانغان ھالدا چۇشەندۇرۇپ بىرىدۇ.يازما : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/63251
كىتابلار
- ياخشىلارنىڭ باغچىسىياخشىلارنىڭ باغچىسى ناملىق بۇ كىتاپ ھەدىسشۇناس ئىمام مۇھيىددىن ئىبنى شەرەپىددىن نەۋەۋىنىڭ ئۈلۈغ خىزمەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ كىتاپ ئۆزىنىڭ ئاممىباپلىقى بىلەن كىشىلىك جەمىيەت، ئىجتىمائى تۇرمۇش، ئىبادەت قاتارلىق ئىنسان ھاياتىدا بىلىشگە تېگىشلىك بولغان مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كىتاپ ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى رىياسەتچىلىكى ئاستىدا بىر گورۇپ دىنى زىيالىلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى.
يازما : ئىمام مۇھيىددىن ئىبنى شەرەپ نەۋەۋى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/48545
- ئائىلىدىكى تەربىيە مەنبەسى«ئائىلىدىكى تەربىيە مەنبەسى» بۇ ئەسەر ئائىلىدە پەرزەنتلىرىمىزگە ئىسلامى تەربىيەنى قانداق ئىلىپ بېرىش توغرىسىدا بىر نەچچە مۇھىم نۈقتىلارنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.1-ئىمانى تەربىيەگە چاقىرىش 2- ئەخلاقى تەربىيەگە چاقىرىش 3- نەپسى تەربىيەگە چاقىرىش 4- ئىجتىمائىي تەربىيەگە چاقىرىش 5- جىسمانى تەربىيەگە چاقىرىش 6- دىندا بىلىش مۇھىم دەپ قارالغان ئەھكاملارنى ئۆگۇتۇشكە چاقىرىش 7- ياخشىلىققا بۇيرۇپ ، يامانلىقتىن توسۇش ئىددىيسىگە يېتەكلەشكە چاقىرىش.
يازما : ئا.ئابدۇرەھمان خاقانى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/73366
- دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار«دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار» ناملىق بۇ كىتابچىدا، ئاپتور ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن ۋە يولغا قويۇلغان مۇھىم مەسىلىلەرنى، كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىنىڭ قولايلىق بولىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇسۇلماننىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان218 سوئال ۋە جاۋابنى، سوئال-جاۋاب شەكلىدە تەييارلاپ ھۆزۈرۈڭلارغا تەقدىم قىلدى.
يازما : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
Source : http://www.islamhouse.com/p/193302
- ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىبۇ ئەسەر پەيغەمبەرلەر قىسسىلىرى ئارىسىدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن تۈزۈلگەن بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە ئىسمى تىلغا ئىلىنغان بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئەسەر، تارىخى يازمىلار ئارىسىدىن ئورۇن ئالسىلا بولىدىغان ياكى ئىسلامدىن ئىلگىرىمۇ باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ بارلىقىنى ئېسىمىزگە سالىدىغان رولىنىلا ئوينىماستىن بەلكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلىشىنى ھەرۋاقىت ئىسىدىن چىقارمىغانلارنىڭ قەلبلىرىگە جۇشقۇن روھ ۋە جاسارەت ئاتا قىلغۇسى.
يازما : شەيخ ئەھمەد شەپىق بەھجەت
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : سابىرجان
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
Source : http://www.islamhouse.com/p/332520
- ئىسلام تەلىماتى«ئىسلام تەلىماتى» بۇ ئەسەر كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ چۈشۇنىشى قولاي بولسۇن ئۈچۈن سۇئال - جاۋاپ ئۇسلۇبى بىلەن تەييارلانغان بولۇپ، ئىنسان ھاياتىدا بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان بەزى بىر مۇھىم مەسىلىلەرنى، مەيلى ئۇ ئەقىدىگە ئائىت ۋەياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى پىقھى مەسىلىلەرگە ئائىت بولسۇن قۇرئان ۋە ھەدىسگە تايانغان ئاساستا، ئۇ مەسىلىلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە ئۈچۈق يورۇتۇپ بېرىدۇ.
يازما : مۇپتى مۇھەممەد كىپايىتۇللاھ
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئەبۇ ئالىيە
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/73275












