ئۇيغۇرچە - سۈرە سەپ

ئۇيغۇرچە

سۈرە سەپ - عدد الآيات 14
سَبَّحَ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۖ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ ( 1 ) سەپ - الآية 1
ئاسمانلاردىكى نەرسىلەر (يەنى پەرىشتىلەر) ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر (يەنى ئىنسانلار، ئۆسۈملۈكلەر، جانسىز شەيئىلەر) اﷲ قا تەسبىھ ئېيتتى، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لِمَ تَقُولُونَ مَا لَا تَفْعَلُونَ ( 2 ) سەپ - الآية 2
ئى مۆمىنلەر! سىلەر نېمە ئۈچۈن قىلمايدىغان ئىشنى قىلىمىز دەيسىلەر؟ (يەنى ئەمەلدە سىلەر قىلمايدىغان ياخشى ئىشلارنى نېمە ئۈچۈن ئاغزىڭلاردا قىلىمىز دەيسىلەر؟)
كَبُرَ مَقْتًا عِندَ اللَّهِ أَن تَقُولُوا مَا لَا تَفْعَلُونَ ( 3 ) سەپ - الآية 3
سىلەرنىڭ قىلمايدىغان ئىشنى (قىلىمىز) دېيىشىڭلار اﷲ نىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ئۆچ (كۆرۈلىدىغان نەرسىدۇر)
إِنَّ اللَّهَ يُحِبُّ الَّذِينَ يُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِهِ صَفًّا كَأَنَّهُم بُنْيَانٌ مَّرْصُوصٌ ( 4 ) سەپ - الآية 4
شۈبھىسىزكى، اﷲ ئۆزىنىڭ يولىدا مۇستەھكەم بىنادەك سەپ بولۇپ جىھاد قىلغانلارنى (يەنى ئۇرۇش مەيدانىدا دۈشمەنلەرگە ئۇچراشقان چاغدا مەۋقەسىدە ساباتلىق تۇرۇپ غازات قىلغانلارنى) دوست تۇتىدۇ
وَإِذْ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوْمِهِ يَا قَوْمِ لِمَ تُؤْذُونَنِي وَقَد تَّعْلَمُونَ أَنِّي رَسُولُ اللَّهِ إِلَيْكُمْ ۖ فَلَمَّا زَاغُوا أَزَاغَ اللَّهُ قُلُوبَهُمْ ۚ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الْفَاسِقِينَ ( 5 ) سەپ - الآية 5
ئۆز ۋاقتىدا مۇسا قەۋمىگە: «ئى قەۋمىم! مېنىڭ اﷲ نىڭ سىلەرگە ئەۋەتكەن پەيغەمبەر ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ سىلەر ماڭا نېمىشقا ئازار بېرىسىلەر؟» دېدى، ئۇلار (ھەقتىن) بۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، اﷲ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن بۇرىۋەتتى، اﷲ پاسىق قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
وَإِذْ قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ يَا بَنِي إِسْرَائِيلَ إِنِّي رَسُولُ اللَّهِ إِلَيْكُم مُّصَدِّقًا لِّمَا بَيْنَ يَدَيَّ مِنَ التَّوْرَاةِ وَمُبَشِّرًا بِرَسُولٍ يَأْتِي مِن بَعْدِي اسْمُهُ أَحْمَدُ ۖ فَلَمَّا جَاءَهُم بِالْبَيِّنَاتِ قَالُوا هَٰذَا سِحْرٌ مُّبِينٌ ( 6 ) سەپ - الآية 6
ئۆز ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا: «ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن اﷲ ئەۋەتكەن، مەندىن بۇرۇن كەلگەن تەۋراتنى تەستىق قىلغۇچى، مەندىن كېيىن كېلىدىغان ئەھمەد ئىسىملىك پەيغەمبەر بىلەن خۇش خەۋەر بەرگۈچى پەيغەمبەرمەن» دېدى. ئىسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «بۇ ئوپئوچۇق سېھىردۇر» دېدى
وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ وَهُوَ يُدْعَىٰ إِلَى الْإِسْلَامِ ۚ وَاللَّهُ لَا يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ ( 7 ) سەپ - الآية 7
ئىسلامغا دەۋەت قىلىنىۋېتىپ، اﷲ قا يالغاننى (يەنى اﷲ نىڭ شېرىكى بار، بالىسى بار دېگەندەك سۆزلەرنى) چاپلىغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ اﷲ زالىم (يەنى كاپىر) قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ
يُرِيدُونَ لِيُطْفِئُوا نُورَ اللَّهِ بِأَفْوَاهِهِمْ وَاللَّهُ مُتِمُّ نُورِهِ وَلَوْ كَرِهَ الْكَافِرُونَ ( 8 ) سەپ - الآية 8
ئۇلار اﷲ نىڭ نۇرىنى (يەنى اﷲ نىڭ دىنىنى ۋە نۇرلۇق شەرىئىتىنى) ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرۈۋەتمەكچى بولىدۇ، كاپىرلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، اﷲ ئۆزىنىڭ نۇرىنى مۇكەممەل قىلغۇچىدۇر (يەنى ئۆزىنىڭ دىنىنى ئاشكارىلىغۇچىدۇر
هُوَ الَّذِي أَرْسَلَ رَسُولَهُ بِالْهُدَىٰ وَدِينِ الْحَقِّ لِيُظْهِرَهُ عَلَى الدِّينِ كُلِّهِ وَلَوْ كَرِهَ الْمُشْرِكُونَ ( 9 ) سەپ - الآية 9
مۇشرىكلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ، اﷲ ھەق دىننى بارلىق دىنلار ئۈستىدىن غالىب قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا هَلْ أَدُلُّكُمْ عَلَىٰ تِجَارَةٍ تُنجِيكُم مِّنْ عَذَابٍ أَلِيمٍ ( 10 ) سەپ - الآية 10
ئى مۆمىنلەر! سىلەرگە سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن قۇتۇلدۇرىدىغان بىر تىجارەتنى كۆرسىتىپ قويايمۇ؟
تُؤْمِنُونَ بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَتُجَاهِدُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ بِأَمْوَالِكُمْ وَأَنفُسِكُمْ ۚ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَّكُمْ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ ( 11 ) سەپ - الآية 11
اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە (چىن) ئىمان ئېيتقايسىلەر، اﷲ نىڭ يولىدا مېلىڭلار بىلەن، جېنىڭلار بىلەن جىھاد قىلغايسىلەر، ئەگەر بىلسەڭلار، سىلەر ئۈچۈن بۇ ياخشىدۇر
يَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْ وَيُدْخِلْكُمْ جَنَّاتٍ تَجْرِي مِن تَحْتِهَا الْأَنْهَارُ وَمَسَاكِنَ طَيِّبَةً فِي جَنَّاتِ عَدْنٍ ۚ ذَٰلِكَ الْفَوْزُ الْعَظِيمُ ( 12 ) سەپ - الآية 12
(شۇنداق قىلساڭلار) اﷲ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، دائىمىي تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردىكى گۈزەل سارايلاردا (تۇرغۇزىدۇ)، بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر
وَأُخْرَىٰ تُحِبُّونَهَا ۖ نَصْرٌ مِّنَ اللَّهِ وَفَتْحٌ قَرِيبٌ ۗ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ ( 13 ) سەپ - الآية 13
سىلەرگە (مەرھەمەت قىلىنىدىغان) سىلەر ياخشى كۆرۈدىغان ئىككىنچى بىر نېمەت اﷲ تىن كېلىدىغان نۇسرەت ۋە يېقىن غەلىبە (يەنى مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى) دۇر، (ئى مۇھەممەد!) مۆمىنلەرگە (بۇ روشەن مەرھەمەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگىن
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُونُوا أَنصَارَ اللَّهِ كَمَا قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ لِلْحَوَارِيِّينَ مَنْ أَنصَارِي إِلَى اللَّهِ ۖ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ نَحْنُ أَنصَارُ اللَّهِ ۖ فَآمَنَت طَّائِفَةٌ مِّن بَنِي إِسْرَائِيلَ وَكَفَرَت طَّائِفَةٌ ۖ فَأَيَّدْنَا الَّذِينَ آمَنُوا عَلَىٰ عَدُوِّهِمْ فَأَصْبَحُوا ظَاهِرِينَ ( 14 ) سەپ - الآية 14
ئى مۆمىنلەر! ھەۋارىيۇنلار (يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا دەسلەپتە ئىمان ئېيتقان مۆمىن قەۋم) دەك اﷲ نىڭ ياردەمچىلىرى بۇلۇڭلار، مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا ھەۋارىيۇنلارغا: «(اﷲ نىڭ دەۋىتىنى تەبلىغ قىلىشتا) اﷲ قا كىملەر ياردەمچىلىرىم بولىدۇ؟» دېدى، ھەۋارىيۇنلار: «بىز اﷲ نىڭ ياردەمچىلىرىمىز» دېدى، ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر تائىپە ئىمان ئېيتتى، يەنە بىر تائىپە كاپىر بولدى، مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشىدا يار - يۆلەكتە بولدۇق، شۇنىڭ بىلەن مۆمىنلەر غالىب بولدى

كىتابلار

  • ھەدىس قۇددۇس ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر توپلىمى«ھەدىس قۇددۇس ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر توپلىمى» ناملىق بۇ ئەسەر 392 ھەدىس شېرىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، پايدىلانغۇچىلارغا قولاي بولسۇن ئۈچۈن ئىمام سۇيۇتى رەھىمەھۇللاھ بارلىق ھەدىس قۇددۇس ۋە مۇتەۋاتىر ھەدىسلەرنى رەتلەپ چىققان. تەرجىماننىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن كىتابنىڭ باش قىسمىغا ھەدىس ئاتالغۇلىرىنىڭ ئۆلچەملىك پەرقى ۋە ھەدىس ئىلمىغا دائىر بىر قىسىم ئۈچۈرلار قوشۇلغان بۇ قىممەتلىك ئەسەر www.xjislam.com ناملىق تور بېكىتى گورۇپپىسى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ ئەسەرنىڭ ئىلمى قىممىتىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا بېكىتىمىزدە ئىلان قىلدۇق.

    يازما : ئىمام جالالىددىن سۇيۇتىي رەھىمەھۇللاھ

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى

    Source : http://www.islamhouse.com/p/316487

    التحميل :ھەدىس قۇددۇس ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر توپلىمى

  • ئايال ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار«ئايال ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار» ناملىق بۇ ئەسەر، ئايال ساھابىلاردىن (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) 117 كىشىنىڭ شانلىق تەرجىمىھالىنىڭ قىسقىچى مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆلگىلىك ئىش-ئىزلىرى، ئىمانى ۋە ئىنسانى ئالاھىدىلىكلىرى، دىننى قوغداش ۋە تارىتىش يولىدا كورسەتكەن پىداكارلىقلىرى، ھىجرەت ۋە جىھاد مەزگىللىرىدىكى ئەزىيەتلەرگە سەبرى قىلىشى...قاتارلىق كۆپلىگەن گۈزەل خىسلەتلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە ئەينەن تەسۋىرلەپ بىرىدۇ.

    يازما : ھەۋۋا ئەرگەنە ئېشىق

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ئا.قارلۇقى - ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : مىنەۋۋەر بىنتى نىياز

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر ئونلاين توربېكىتى www.uyghuronline.net

    Source : http://www.islamhouse.com/p/369732

    التحميل :ئايال ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار

  • غەيۋەت ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائى جەمئىيەتكە بولىدىغان يامان تەسىرى«غەيۋەت ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائى جەمئىيەتكە بولىدىغان يامان تەسىرى»ناملىق بۇ كىتاپتا، غەيۋەتنىڭ ئىنسان ھاياتىغا ۋە كىشىلىك جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان يامان تەسىرى، ئىنسان ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلىشىدىكى ئاساسلىق باسقۇچ ئىكەنلىكى، ئىسلام دىنىمىزدا قاتتىق چەكلەنگەن قىلمىشلىقى، غەيۋەتخور دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇ، رەزىل قىلمىشى ئۈچۈن تىگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان ھەدىسگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بايان قىلىدۇ.

    يازما : ھۇسەيىن ئەلئەۋايىشە

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : ئابددۇلئەھەد ئابدۇلكەرىم

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org

    Source : http://www.islamhouse.com/p/52503

    التحميل :غەيۋەت ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائى جەمئىيەتكە بولىدىغان يامان تەسىرى

  • ئاھ ... بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ؟«ئاھ ... بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ!؟» ناملىق بۇ ئەسەردە، ئاپتور ساھابە كىرام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ، ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئىمانى چۈشەنچىسىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇگۇنكى ئەھۋالى ۋە ئاللاھ بىلەن بولغان مۇئامىلىلىرىگە سېلىشتۇرۇش جەريانىدىكى نەتىجىلەرنى، ئوقۇرمەنلەرگە ئەڭ گۈزەل ئۇسلۇبتا يورۇتۇپ بېرىدۇ.

    يازما : شەيخ شەمسى نۇۋەيد ئوسمانى

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : مېركامىلجان قەشقەرى

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر ئونلاين توربېكىتى www.uyghuronline.net

    Source : http://www.islamhouse.com/p/376481

    التحميل :ئاھ ... بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ؟

  • ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار«ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار» ناملىق بۇ ئەسەر ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئاتمىش كىشىنىڭ تەرجىمىھالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ ساھابىلارنىڭ، ئۆلگىلىك ئىش-ئىزلىرى، ئىمانى ۋە ئىنسانى ئالاھىدىلىكلىرى، دىننى قوغداش ۋە تارىتىش يولىدا كورسەتكەن پىداكارلىقلىرى... قاتارلىقلارنى تەسۋىرلەپ بىرىدۇ.

    يازما : دوكتۇر ئابدۇراھمان رەئپەت پاشا

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : ئىسلام جان ئۇيغۇرى

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org

    Source : http://www.islamhouse.com/p/52882

    التحميل :ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار

اختر اللغة

اختر سوره

كىتابلار

اختر التفسير

المشاركه

Bookmark and Share