قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە » كىتابلار » ئىسلامدا كىشىلىك ھوقۇق
ئىسلامدا كىشىلىك ھوقۇق
تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان «ئىسلامدا كىشىلىك ھوقۇق» ناملىق بۇ ئەسەر، ئىنسان ھەقلىرى توغرىسىدا يېزىلغان سىېلىشتۇرما خاراكتېرلىق كىتاب بولۇپ، ئىسلامدا ھۆرىيەت چۈشەنچىسى، ئىنسان ھەقلىرى نىزامنامىسىنىڭ تارىخى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئىنسانىيەت ھەق-ھوقۇقىغا ئائىت نۇقتىلىق بەش نەرسىنى ھىمايە قىلىشنى ئۆز ئۇستىگە ئالغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىسلام شەرىئىتى ۋە ھازىرقى زامان قانۇنىدىكى پرىنسىپلىرى قاتارلىق ھۆرىيەت ۋە ھەق-ھوقۇققا دائىر بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك مۇھىم بىلىملەر ھوزۇرۇڭلاردا.تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئابدۇلئەھەد ھاپىز
Source : http://www.islamhouse.com/p/305061
كىتابلار
- ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى«ھەج ۋە ئۆمرە قوللانمىسى» بۇ قوللانما ھەج ۋە ئۆمرە قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان كىتاپلارنىڭ بىرىدۇر.ھەج مەۋسۇمىنىڭ يېقىنلاشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەج ۋە ئۆمرە پائالىيىتىنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن ھالدا تاماملىشىنى كۆزدە تۇتۇپ تور بېكىتىمىزدە بۇ قوللانمىنى ئېلان قىلدۇق. بۇ قوللانمىدا، ھەج ۋە ئۆمرىنىڭ پەرز ۋاجىپ ۋە سۈننەتلىرى، ئىھرامدا چەكلەنگەن ئىشلار ، ھەج ۋە ئۆمرىگە ئائىت ئەھكاملارنى قۇرئان سۈننەتكە تايانغان ھالدا چۇشەندۇرۇپ بىرىدۇ.
يازما : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/63251
- ئىسلام ئەقىدىسى ھەققىدە سوئال جاۋاپقولىڭىزدىكى بۇ كىتابچە ساماۋىي كىتابلار ئېلىپ كەلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاملار دەۋەت قىلغان، ھەر قانداق بىر كىشى ئۇنىڭسىز دىندا نىجاتلىققا ئېرىشەلمەيدىغان ، تەۋھىدنى ئاساس قىلغان ناھايىتى پايدىلىق بىر كىتابچىدۇر. بۇ كىتابچە داغدام يولغا، ئاشكارا ھەقىقەتكە باشلاپ، اﷲ نىڭ كامالى سۈپىتىگە زىت كېلىدىغان بارلىق شەكلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئىماننى ۋە ئۇنىڭ خىسلەتلىرىنى شەرھىيلەپ بېرىدۇ.
يازما : ھاپىز ئىبنى ئەھمەد ئەلھەكەمىي
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئابدۇلغەنى ئابدۇل ئەزىز - سابىرجان
Source : http://www.islamhouse.com/p/18239
- تەۋبە قىلغۇچىلار باغچىسىتەۋبە قىلغۇچىلار باغچىسى ناملىق بۇ كىتاپ ياش تەرجىمان دىنى زىيالى ئا.ئابدۇرەھمان خاقانى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى. بۇ كىتاپ ئوقۇرمەنلەرگە ئۆزىنىڭ تەسىرلىك ۋەقەلىكى بىلەن ئوقۇرمەننى ھېدايەت يولىغا يېتەكلەپ، ئىككى دۇنيالىق مۇرادىنىڭ ھاسىل بولىشىدا تۈرۈتكۈلۇك رول ئوينىغۇسى... قېنى مەرھەمەت!
يازما : پەزىلەتلىك شەيخ پەھەد ئىبنى ئابدۇراھمان ھۇمەيد
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئا.ئابدۇرەھمان خاقانى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى
Source : http://www.islamhouse.com/p/47401
- غەيۋەت ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائى جەمئىيەتكە بولىدىغان يامان تەسىرى«غەيۋەت ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائى جەمئىيەتكە بولىدىغان يامان تەسىرى»ناملىق بۇ كىتاپتا، غەيۋەتنىڭ ئىنسان ھاياتىغا ۋە كىشىلىك جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان يامان تەسىرى، ئىنسان ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلىشىدىكى ئاساسلىق باسقۇچ ئىكەنلىكى، ئىسلام دىنىمىزدا قاتتىق چەكلەنگەن قىلمىشلىقى، غەيۋەتخور دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇ، رەزىل قىلمىشى ئۈچۈن تىگىشلىك جازاغا تارتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان ھەدىسگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بايان قىلىدۇ.
يازما : ھۇسەيىن ئەلئەۋايىشە
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئابددۇلئەھەد ئابدۇلكەرىم
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/52503
- ھەدىسلەر توپلىمىھەدىسلەر توپلىمى ناملىق بۇ ئەسەر 6500 بەتتىن ئارتۇق ھەجىمگە ئىگە بولۇپ جەمئىي 10 توم، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدىكى، توغرىسى پۇتۇن ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى ھەجمى ئەڭ چوڭ دىنى ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاپتۇر بۇ توپلامنى سەھىھۇلبۇخارى، سەھىھ مۇسلىم، سۇنەنى تىرمىزى، سۇنەنى ئەبۇ داۋۇد، سۇنەنى نەسائى، سۇنەنى ئىبنى ماجە، مۇۋەتتەئۇ مالىك، سۇنەنى دارىمى، مۇسنەدى ئەھمەد، تەبەرانى ئەلكەبىر، تەبەرانى ئەلئەۋسەت، تەبەرانى ئەسسەغىر، مۇسنەدى ئەبۇ يەئلا مەۋسىلى، مۇسنەدى بەززار، زەۋائىدۇ رەزىن ناملىق 15 ھەدىس كىتابتىن تەييارلىغان بولۇپ، جەمئى 10 مىڭ 131 ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يازما : مۇھەممەد ئىبنى سۇلايمان مەغرىبىي
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى - سابىرجان
تەرجىمە قىلغۈچى : مۆمىن جان - ئالىمجان ئاتائۇللاھ - ئابدۇلخالىق ئابدۇلباقى - ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم
Source : http://www.islamhouse.com/p/381076












