قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە
كىتابلار
- ئىسلام تەلىماتى«ئىسلام تەلىماتى» بۇ ئەسەر كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ چۈشۇنىشى قولاي بولسۇن ئۈچۈن سۇئال - جاۋاپ ئۇسلۇبى بىلەن تەييارلانغان بولۇپ، ئىنسان ھاياتىدا بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان بەزى بىر مۇھىم مەسىلىلەرنى، مەيلى ئۇ ئەقىدىگە ئائىت ۋەياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى پىقھى مەسىلىلەرگە ئائىت بولسۇن قۇرئان ۋە ھەدىسگە تايانغان ئاساستا، ئۇ مەسىلىلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە ئۈچۈق يورۇتۇپ بېرىدۇ.
يازما : مۇپتى مۇھەممەد كىپايىتۇللاھ
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئەبۇ ئالىيە
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/73275
- مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرىبۇ كىتاپ ئىمام ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ «مەدارىجۇسسالىكىين»ناملىق ئەسىرىدىن "مۇناپىقلىق" دېگەن بۆلۈمنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئاپتور ئەسىرىدە مۇناپىقلىقنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان خەتىرى، مۇناپىقلىقنىڭ تۈرلىرى، مۇناپىقنىڭ سۈپەتلىرى، شۇنداقلا ئەقىدىسىگە، مىللىتىگە، ۋەتىنىگە خائىنلىق قىلغان مۇناپىقلار دۇنيادا خار بولسا، ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ دەھشەتلىك ئازابىغا ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان ۋە سۈننەت روھى بىلەن تەپسىلى چۇشەنچە بېرىدۇ.
يازما : ئىمام ئىبنى قەييىم جەۋزى
تەرجىمە قىلغۈچى : مەرھۇم ئابدۇللاھ روزى داموللا ھاجىم
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئىسلام نۇرى تور بېكىتى http://www.islamnuri.info
Source : http://www.islamhouse.com/p/218413
- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاد تەربىيىلەش ئۇسۇلى«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاد تەربىيىلەش ئۇسۇلى» ناملىق بۇ ئەسەردە، پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىغا تاپشۇرۇلغان ئامانەت ئىكەنلىكى، ئۇلارنى ساغلام يېتەكچى بولالايدىغان ئىسلام تەربىيەسىدىن ئىبارەت، بۇ بۈيۈك يېتەكچى بىلەن تەربىيىلەش كېرەكلىكى، شۇنداق قىلغىنىمىزدا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىگە تەۋرەنمەس ئۈل ھازىرلىغان بولىدىغانلىقىمىز ۋە ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلغان بولىدىغانلىقىمىزنى قۇرئان ۋە ھەدىسگە تايىنىپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
يازما : مۇھەممەد نۇرئبنى ئابدۇلھەپىز سۇۋەيد
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەھمان
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/53001
- ياخشىلارنىڭ باغچىسىياخشىلارنىڭ باغچىسى ناملىق بۇ كىتاپ ھەدىسشۇناس ئىمام مۇھيىددىن ئىبنى شەرەپىددىن نەۋەۋىنىڭ ئۈلۈغ خىزمەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ كىتاپ ئۆزىنىڭ ئاممىباپلىقى بىلەن كىشىلىك جەمىيەت، ئىجتىمائى تۇرمۇش، ئىبادەت قاتارلىق ئىنسان ھاياتىدا بىلىشگە تېگىشلىك بولغان مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ كىتاپ ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى رىياسەتچىلىكى ئاستىدا بىر گورۇپ دىنى زىيالىلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى.
يازما : ئىمام مۇھيىددىن ئىبنى شەرەپ نەۋەۋى
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/48545
- ئايال ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار«ئايال ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار» ناملىق بۇ ئەسەر، ئايال ساھابىلاردىن (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) 117 كىشىنىڭ شانلىق تەرجىمىھالىنىڭ قىسقىچى مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆلگىلىك ئىش-ئىزلىرى، ئىمانى ۋە ئىنسانى ئالاھىدىلىكلىرى، دىننى قوغداش ۋە تارىتىش يولىدا كورسەتكەن پىداكارلىقلىرى، ھىجرەت ۋە جىھاد مەزگىللىرىدىكى ئەزىيەتلەرگە سەبرى قىلىشى...قاتارلىق كۆپلىگەن گۈزەل خىسلەتلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە ئەينەن تەسۋىرلەپ بىرىدۇ.
يازما : ھەۋۋا ئەرگەنە ئېشىق
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ئا.قارلۇقى - ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : مىنەۋۋەر بىنتى نىياز
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر ئونلاين توربېكىتى www.uyghuronline.net
Source : http://www.islamhouse.com/p/369732












