ئۇيغۇرچە - سۈرە نۇھ

ئۇيغۇرچە

سۈرە نۇھ - عدد الآيات 28
إِنَّا أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِ أَنْ أَنذِرْ قَوْمَكَ مِن قَبْلِ أَن يَأْتِيَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ ( 1 ) نۇھ - الآية 1
بىز ھەقىقەتەن نۇھنى قەۋمىگە: «قەۋمىڭگە قاتتىق ئازاب (يەنى دۇنيادىكى چاغلىرىدا توپان بالاسى، ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابى) كېلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن» دەپ ئەۋەتتۇق
قَالَ يَا قَوْمِ إِنِّي لَكُمْ نَذِيرٌ مُّبِينٌ ( 2 ) نۇھ - الآية 2
نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن كىشىلەرگە (ئەۋەتىلگەن) ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن
أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَاتَّقُوهُ وَأَطِيعُونِ ( 3 ) نۇھ - الآية 3
اﷲ قا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار ۋە اﷲ قا ئىتائەت قىلىڭلار
يَغْفِرْ لَكُم مِّن ذُنُوبِكُمْ وَيُؤَخِّرْكُمْ إِلَىٰ أَجَلٍ مُّسَمًّى ۚ إِنَّ أَجَلَ اللَّهِ إِذَا جَاءَ لَا يُؤَخَّرُ ۖ لَوْ كُنتُمْ تَعْلَمُونَ ( 4 ) نۇھ - الآية 4
ئۇ بەزى گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ، سىلەرنى مۇئەييەن مۇددەتكىچە كېچىكتۈرىدۇ (يەنى ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىدۇ)، شۈبھىسىزكى، ئەگەر بىلسەڭلار، اﷲ نىڭ (ئىنسانغا بېكىتكەن) ئەجىلى كەلگەن چاغدا (ئەجەل) كېچىكتۈرۈلمەيدۇ
قَالَ رَبِّ إِنِّي دَعَوْتُ قَوْمِي لَيْلًا وَنَهَارًا ( 5 ) نۇھ - الآية 5
نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن قەۋمىمنى كېچە - كۈندۈز (ئىمانغا) دەۋەت قىلدىم
فَلَمْ يَزِدْهُمْ دُعَائِي إِلَّا فِرَارًا ( 6 ) نۇھ - الآية 6
مېنىڭ دەۋىتىم ئۇلارنى تېخىمۇ قاچۇرۇۋەتتى
وَإِنِّي كُلَّمَا دَعَوْتُهُمْ لِتَغْفِرَ لَهُمْ جَعَلُوا أَصَابِعَهُمْ فِي آذَانِهِمْ وَاسْتَغْشَوْا ثِيَابَهُمْ وَأَصَرُّوا وَاسْتَكْبَرُوا اسْتِكْبَارًا ( 7 ) نۇھ - الآية 7
مەن ئۇلارنى سېنىڭ مەغپىرىتىڭگە ئېرىشسۇن دەپ، ھەر قاچان دەۋەت قىلسام، (دەۋىتىمنى ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن) بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقىۋالدى، (سۆزۈمنى ئاڭلىماسلىق ياكى مېنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن) كىيىملىرى بىلەن باشلىرىنى چۈمكىۋالدى، (كۇفرىدا) چىڭ تۇردى، چوڭچىلىق قىلىپ (ئىماندىن) تېخىمۇ باش تارتتى
ثُمَّ إِنِّي دَعَوْتُهُمْ جِهَارًا ( 8 ) نۇھ - الآية 8
ئاندىن مەن ئۇلارنى توۋلاپ دەۋەت قىلدىم
ثُمَّ إِنِّي أَعْلَنتُ لَهُمْ وَأَسْرَرْتُ لَهُمْ إِسْرَارًا ( 9 ) نۇھ - الآية 9
ئاندىن ئۇلارنى ئاشكارا دەۋەت قىلدىم ۋە يوشۇرۇن دەۋەت قىلدىم
فَقُلْتُ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ إِنَّهُ كَانَ غَفَّارًا ( 10 ) نۇھ - الآية 10
(ئۇلارغا) ئېيتتىم: پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر
يُرْسِلِ السَّمَاءَ عَلَيْكُم مِّدْرَارًا ( 11 ) نۇھ - الآية 11
ئۇ سىلەرگە مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ،
وَيُمْدِدْكُم بِأَمْوَالٍ وَبَنِينَ وَيَجْعَل لَّكُمْ جَنَّاتٍ وَيَجْعَل لَّكُمْ أَنْهَارًا ( 12 ) نۇھ - الآية 12
سىلەرنىڭ ماللىرىڭلارنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى كۆپەيتىپ بىرىدۇ، سىلەرگە باغلارنى، ئۆستەڭلارنى ئاتا قىلىدۇ،
مَّا لَكُمْ لَا تَرْجُونَ لِلَّهِ وَقَارًا ( 13 ) نۇھ - الآية 13
نېمە ئۈچۈن سىلەر اﷲ نىڭ بۈيۈكلۈكىدىن قورقمايسىلەر؟
وَقَدْ خَلَقَكُمْ أَطْوَارًا ( 14 ) نۇھ - الآية 14
ھالبۇكى اﷲ سىلەرنى بىر قانچە باسقۇچلارغا بۆلۈپ ياراتتى،
أَلَمْ تَرَوْا كَيْفَ خَلَقَ اللَّهُ سَبْعَ سَمَاوَاتٍ طِبَاقًا ( 15 ) نۇھ - الآية 15
سىلەر كۆرمىدىڭلارمىكىن، اﷲ قانداق قىلىپ يەتتە ئاسماننى بىرىنىڭ ئۈستىدە بىرىنى قىلىپ ياراتتى،
وَجَعَلَ الْقَمَرَ فِيهِنَّ نُورًا وَجَعَلَ الشَّمْسَ سِرَاجًا ( 16 ) نۇھ - الآية 16
ئاينى ئۇلاردا (يەنى دۇنيانىڭ ئاسمىنىدا) نۇر قىلدى، كۈننى (نۇر چاچقۇچى) چىراغ قىلدى
وَاللَّهُ أَنبَتَكُم مِّنَ الْأَرْضِ نَبَاتًا ( 17 ) نۇھ - الآية 17
اﷲ سىلەرنى زېمىندىن ياراتتى (چۈنكى ئاتاڭلار ئادەمنى تۇپراقتىن ياراتقان ئىدى)
ثُمَّ يُعِيدُكُمْ فِيهَا وَيُخْرِجُكُمْ إِخْرَاجًا ( 18 ) نۇھ - الآية 18
ئاندىن اﷲ سىلەرنى (ئۆلگەندىن كېيىن) زېمىنغا قايتۇرىدۇ (يەنى زېمىندا دەپنە قىلىنىسىلەر)، ئاندىن سىلەرنى (قىيامەت كۈنى) زېمىندىن چىقىرىدۇ
وَاللَّهُ جَعَلَ لَكُمُ الْأَرْضَ بِسَاطًا ( 19 ) نۇھ - الآية 19
زېمىندا كەڭ يوللاردا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن، اﷲ سىلەرگە زېمىننى بىسات قىلىپ بەردى»
لِّتَسْلُكُوا مِنْهَا سُبُلًا فِجَاجًا ( 20 ) نۇھ - الآية 20
زېمىندا كەڭ يوللاردا مېڭىشىڭلار ئۈچۈن، اﷲ سىلەرگە زېمىننى بىسات قىلىپ بەردى»
قَالَ نُوحٌ رَّبِّ إِنَّهُمْ عَصَوْنِي وَاتَّبَعُوا مَن لَّمْ يَزِدْهُ مَالُهُ وَوَلَدُهُ إِلَّا خَسَارًا ( 21 ) نۇھ - الآية 21
نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! ئۇلار ھەقىقەتەن ماڭا ئاسىيلىق قىلدى، مېلىغا، بالىسىغا ۋە ئۆزلىرىگە زىياندىن باشقىنى زىيادە قىلمىغان كىشىلەرگە (يەنى بايلىرىغا، كاتتىباشلىرىغا) ئەگەشتى
وَمَكَرُوا مَكْرًا كُبَّارًا ( 22 ) نۇھ - الآية 22
ئۇلار (يەنى كاتتىباشلار) (ماڭا چىنپۈتمىدى، ماڭا ۋە ماڭا ئەگەشكەنلەرگە ئەزىيەت يەتكۈزۈپ) چوڭ ھىيلە تۈزدى
وَقَالُوا لَا تَذَرُنَّ آلِهَتَكُمْ وَلَا تَذَرُنَّ وَدًّا وَلَا سُوَاعًا وَلَا يَغُوثَ وَيَعُوقَ وَنَسْرًا ( 23 ) نۇھ - الآية 23
ئۇلار: ‹مەبۇدلىرىڭلارنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار، ۋەدنى، سۇۋائنى، يەغۇسنى، يەئۇقنى ۋە نەسرىنى ھەرگىز تەرك ئەتمەڭلار› دېدى
وَقَدْ أَضَلُّوا كَثِيرًا ۖ وَلَا تَزِدِ الظَّالِمِينَ إِلَّا ضَلَالًا ( 24 ) نۇھ - الآية 24
ئۇلار ھەقىقەتەن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، زالىملارنى تېخىمۇ گۇمراھ قىلغىن»
مِّمَّا خَطِيئَاتِهِمْ أُغْرِقُوا فَأُدْخِلُوا نَارًا فَلَمْ يَجِدُوا لَهُم مِّن دُونِ اللَّهِ أَنصَارًا ( 25 ) نۇھ - الآية 25
ئۇلار گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن (توپان بىلەن) غەرق قىلىندى، دوزاخقا كىرگۈزۈلدى، ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن اﷲ تىن باشقا ھېچقانداق ياردەمچى تاپالمىدى
وَقَالَ نُوحٌ رَّبِّ لَا تَذَرْ عَلَى الْأَرْضِ مِنَ الْكَافِرِينَ دَيَّارًا ( 26 ) نۇھ - الآية 26
نۇھ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم يەر يۈزىدە كاپىرلارنىڭ بىرىنىمۇ قويمىغىن
إِنَّكَ إِن تَذَرْهُمْ يُضِلُّوا عِبَادَكَ وَلَا يَلِدُوا إِلَّا فَاجِرًا كَفَّارًا ( 27 ) نۇھ - الآية 27
ئەگەر ئۇلارنى قويساڭ، شۈبھىسىزكى، بەندىلىرىڭنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ تاپقان بالىلىرىمۇ پەقەت فاجىر، كاپىر بولىدۇ
رَّبِّ اغْفِرْ لِي وَلِوَالِدَيَّ وَلِمَن دَخَلَ بَيْتِيَ مُؤْمِنًا وَلِلْمُؤْمِنِينَ وَالْمُؤْمِنَاتِ وَلَا تَزِدِ الظَّالِمِينَ إِلَّا تَبَارًا ( 28 ) نۇھ - الآية 28
پەرۋەردىگارىم! ماڭا، ئاتا - ئانامغا، مېنىڭ ئۆيۈمگە مۆمىن بولۇپ كىرگەن كىشىگە ۋە مۆمىن ئەرلەرگە، مۆمىن ئاياللارغا مەغپىرەت قىلغىن، زالىملارغا پەقەت ھالاكەتنى زىيادە قىلغىن»

كىتابلار

  • حكم الاستغاثة بالأولياء-

    Source : http://www.islamhouse.com/p/2296

    التحميل :حكم الاستغاثة بالأولياء

  • ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىبۇ ئەسەر پەيغەمبەرلەر قىسسىلىرى ئارىسىدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن تۈزۈلگەن بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە ئىسمى تىلغا ئىلىنغان بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئەسەر، تارىخى يازمىلار ئارىسىدىن ئورۇن ئالسىلا بولىدىغان ياكى ئىسلامدىن ئىلگىرىمۇ باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ بارلىقىنى ئېسىمىزگە سالىدىغان رولىنىلا ئوينىماستىن بەلكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلىشىنى ھەرۋاقىت ئىسىدىن چىقارمىغانلارنىڭ قەلبلىرىگە جۇشقۇن روھ ۋە جاسارەت ئاتا قىلغۇسى.

    يازما : شەيخ ئەھمەد شەپىق بەھجەت

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : سابىرجان

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى

    Source : http://www.islamhouse.com/p/332520

    التحميل :ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى

  • مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر«مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر» ناملىق بۇ ئەسەر ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ﺋﯚﺯ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ رەۋىشتە ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ پايدىلىقتۇر. بۇ كىتاب دىنى ھۆكۈملەرنى بىلمەيدىغان ياكى بىلىشكە قىزىقىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق ئەسەر دەپ قارىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشى ۋە ئەمەل قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

    يازما : بىر گورۇپ ئالىملار

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : ئابدۇلغەنى ئابدۇل ئەزىز - مۆمىن جان - ن.تەمكىنى - مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم - سەيپىددىن ئەبۇ ئابدۇلئەزىز

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com

    Source : http://www.islamhouse.com/p/321293

    التحميل :مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەرمۇسۇلمان ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر

  • پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاد تەربىيىلەش ئۇسۇلى«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاد تەربىيىلەش ئۇسۇلى» ناملىق بۇ ئەسەردە، پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىغا تاپشۇرۇلغان ئامانەت ئىكەنلىكى، ئۇلارنى ساغلام يېتەكچى بولالايدىغان ئىسلام تەربىيەسىدىن ئىبارەت، بۇ بۈيۈك يېتەكچى بىلەن تەربىيىلەش كېرەكلىكى، شۇنداق قىلغىنىمىزدا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىگە تەۋرەنمەس ئۈل ھازىرلىغان بولىدىغانلىقىمىز ۋە ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلغان بولىدىغانلىقىمىزنى قۇرئان ۋە ھەدىسگە تايىنىپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

    يازما : مۇھەممەد نۇرئبنى ئابدۇلھەپىز سۇۋەيد

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەھمان

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org

    Source : http://www.islamhouse.com/p/53001

    التحميل :پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاد تەربىيىلەش ئۇسۇلى

  • ئاھ ... بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ؟«ئاھ ... بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ!؟» ناملىق بۇ ئەسەردە، ئاپتور ساھابە كىرام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ، ئاللاھ تائالا بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئىمانى چۈشەنچىسىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇگۇنكى ئەھۋالى ۋە ئاللاھ بىلەن بولغان مۇئامىلىلىرىگە سېلىشتۇرۇش جەريانىدىكى نەتىجىلەرنى، ئوقۇرمەنلەرگە ئەڭ گۈزەل ئۇسلۇبتا يورۇتۇپ بېرىدۇ.

    يازما : شەيخ شەمسى نۇۋەيد ئوسمانى

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : مېركامىلجان قەشقەرى

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر ئونلاين توربېكىتى www.uyghuronline.net

    Source : http://www.islamhouse.com/p/376481

    التحميل :ئاھ ... بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ؟

اختر اللغة

اختر سوره

كىتابلار

اختر التفسير

المشاركه

Bookmark and Share